Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


لاۋىيلار

1 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.

2 قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل.

3 ئامرامنىڭ بالىلىرى: ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.

4 ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا،

5 ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى،

6 ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا، زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت،

7 مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،

8 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس،

9 ئاخىمائاسنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئازاريانىڭ ئوغلى يوخانان،

10 يوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، (ئازاريا سۇلايمان يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.)

11 ئازاريانىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،

12 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى شاللۇم،

13 شاللۇمنىڭ ئوغلى خىلقىيا، خىلقىيانىڭ ئوغلى ئازاريا،

14 ئازاريانىڭ ئوغلى سىرايا، سىرايانىڭ ئوغلى يىھوزاداق ئىدى.

15 پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يېرۇسالېم خەلقىنى، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى.


لاۋىينىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

16 لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.

17 گېرشومنىڭ ئوغۇللىرى: لىبنى ۋە شىمئى.

18 قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل.

19 مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماخلى ۋە مۇشى. ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

20 گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى: گېرشومنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ،

21 زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي.

22 قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،

23 ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبىئاساف، ئەبىئاسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر،

24 ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل.

25 ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

26 ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات،

27 ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى.

28 سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.

29 مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ،

30 ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا.


ئىبادەتخانىدىكى نەغمىچىلەر

31 ئەھدە ساندۇقى داۋۇت ياسىغان چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت چېدىردىكى نەغمىچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئادەم تەيىنلىدى.

32 سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر داۋۇت ياسىغان چېدىردا مۇناجات ئوقۇغاندىن سىرت، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدىمۇ ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلىشتى.

33 ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى: ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى،

34 سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى،

35 توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى،

36 ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى،

37 زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبىئاسافنىڭ ئوغلى، ئەبىئاساف كوراھنىڭ ئوغلى،

38 كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغلىدۇر.

39 ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى: ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى،

40 شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى،

41 مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى،

42 ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى،

43 شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشومنىڭ ئوغلى، گېرشوم لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.

44 ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان بولۇپ، ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى: ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى،

45 ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى،

46 خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى،

47 سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلىدۇر.

48 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى.


روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى

49 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى.

50 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا،

51 ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا،

52 زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب،

53 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاستۇر.


لاۋىيلارنىڭ شەھەرلىرى

54 قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلدى.

55 ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارغا ئىگە بولدى.

56 لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى.

57 شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا،

58 خىلېن، دىبىر

59 ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش.

60 يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى.

61 قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تاشلانغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

62 گېرشوم جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى.

63 مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك تاشلاش ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

64 شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى.

65 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تاشلاش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

66 قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى.

67 ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر،

68 يوقمىئام، بەيت-خورون،

69 ئاييالون ۋە گاترىممون.

70 قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.

71 گېرشوم جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان،

72 ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات،

73 راموت ۋە ئانېم.

74 ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون،

75 خۇقوق ۋە رىخوب.

76 نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش.

77 مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور،

78-79 ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر.

80-81 گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan