بىرىنچى قىسىم 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى 1 يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2 شوبالنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى ياخات ئىدى. ياخاتنىڭ ئوغۇللىرى ئاخۇماي ۋە لاھاد ئىدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر. 3-4 كالىب ئايالى ئەفراتادىن خۇر ئىسىملىك تۇنجى ئوغلىنى كۆردى. خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالغۇچىلار ئىدى. خۇرنىڭ ئېتام، پىنۇئېل ۋە ئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئېتامنىڭ يىزرىئەل، يىشما ۋە يىدباش ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى ۋە ھازلەلپونى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. پىنۇئېل گىدور شەھىرىگە، ئەزەر خۇشاھ شەھىرىگە ئاساس سالغان ئىدى. 5 تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى. 6 ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. 7 ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان 8 ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. قوز ئاخارخېل جەمەتىنىڭمۇ ئەجدادى بولۇپ، ئاخارخېل ھارۇمنىڭ ئوغلى ئىدى. 9 يابېز ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى بەك جاپادا تۇغدۇم، دەپ ئىسمىنى يابېز [ئىبرانىي تىلىدىكى «جاپا» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويغانىدى. 10 يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. 11 شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى. 12 ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى. 13 قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولدى. 14 مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى. 15 يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئەلاھتىن قېناز تۆرەلدى. 16 يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 17-18 ئەزراھنىڭ يەتەر، مەرەد، ئېفەر ۋە يالون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مەرەد پىرئەۋننىڭ قىزى بىتياھقا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ۋە شامماي، يىشباخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. يىشباخ ئەشتىموۋا شەھىرىگە ئاساس سالدى. مەرەد يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئالدى، بۇ ئايالدىن ئۈچ ئوغۇل كۆردى. ئوغلى يەرەد گىدور شەھىرىگە، ئوغلى خەبەر سوكوھ شەھىرىگە، ئوغلى يىقۇتىئەل زانوۋاخ شەھىرىگە ئاساس سالدى. 19 ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغلى قىيلاھ گارمى جەمەتىنىڭ، ئوغلى ئەشتىموۋا مائاكا جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولدى. 20 شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 21 يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان ئېسىل زىغىر يىپتىن رەخت توقۇيدىغانلارنىڭ جەمەتلىرى، 22 يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. (بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى.) 23 شېلاھنىڭ بەزى ئەۋلادلىرى نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى 24 شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 25 شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى. 26 مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى. 27 شىمئى 16 ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى. 28 شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال، 29 بىلھاھ، ئەزەم، تولاد، 30 بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق، 31 بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. بۇ شەھەرلەر داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر ئۇلارغا قاراشلىق بولدى. 32 ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى. 33 غەربىي جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەبنامىلىرىنى يېزىپ قويغانىدى. 34 تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ، 35 يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر)، 36 يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە 37 زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى). 38 بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، 39 مال-چارۋىلىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى. 40 ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى. 41 يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان مىئۇن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ يەرلەردە قويلىرىغا يايلاقلار بار ئىدى. 42 شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ، 43 ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن بېرى شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti