بىرىنچى قىسىم 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپادىشاھ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى 1 داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى ئامنون، يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان، ئىككىنچى ئوغلى دانىيال، كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان، 2 ئۈچىنچى ئوغلى ئابسالوم، گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان، تۆتىنچى ئوغلى ئادونىيا، خاگگىتتىن تۇغۇلغان، 3 بەشىنچى ئوغلى شىفاتيا، ئابىتالدىن تۇغۇلغان، ئالتىنچى ئوغلى يىترىئام، يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان. 4 داۋۇتنىڭ يۇقىرىدىكى ئالتە پەرزەنتى ھىبروندا تۇغۇلدى. داۋۇت ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل پادىشاھ بولدى. 5 داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان. 6 بۇلاردىن باشقا، داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت، 7 نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 8 ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەتلەر ئىدى. 9 داۋۇت يەنە باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرى 10 سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: رىخوبئام، ئابىيا، ئاسا، يىھوشافات، 11 يىھورام، ئاخازيا، يوئاش، 12 ئامازيا، ئۇززىيا، يوتەم، 13 ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە، 14 ئامون ۋە يوشىيا. 15 يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم. 16 يىھوياقىمدىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىدە ئوغلى يىھوياكىن ۋە ئىنىسى زىدقىيا ئولتۇردى. پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى 17 بابىلغا ئەسىر ئېلىپ كېتىلگەن پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى: شىئالتېل، 18 مالكىرام، پىدايا، شەنئاززار، يىقاميا، ھوشاما ۋە نىدابىيا. 19 پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى. زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. 20 ئۇلاردىن باشقا زىرۇببابەلنىڭ يەنە خاشۇبا، ئوھەل، بەرەكيا، خاساديا ۋە يۇشاب-خەسەد ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى. 21 خانانيانىڭ پىلاتيا ۋە يىشايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، يىشايانىڭ ئوغلى رىفايا، رىفايانىڭ ئوغلى ئارنان، ئارناننىڭ ئوغلى ئوبادىيا، ئوبادىيانىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. 22 شىكانيانىڭ ئەۋلادلىرى: شىمايا. شىمايانىڭ خاتتۇش، يىگال، بارىياخ، نىئاريا ۋە شافاتتىن ئىبارەت ئالتە ئوغلى بار ئىدى. 23 نىئاريانىڭ ئەليوئېناي، خىزكىيا ۋە ئازرىقام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 24 ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti