بىرىنچى قىسىم 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى 1 دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەندى: كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا. 2 مىشەلەميانىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زىكىرىيا، ئىككىنچىسى يىدىئائېل، ئۈچىنچىسى زىباديا، تۆتىنچىسى ياتنىئېل، 3 بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يىھوخانان، يەتتىنچىسى ئەليىھوئېناي ئىدى. 4-5 خۇدانىڭ بەرىكىتى بىلەن ئوبېد-ئىدوم سەككىز ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. چوڭ ئوغلى شىمايا، ئىككىنچىسى يىھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاخ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نىتانئېل، ئالتىنچىسى ئاممىئېل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پىئۇللىتاي ئىدى. 6 ئوبېد-ئىدومنىڭ ئوغلى شىمايانىڭمۇ ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسى ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغانىدى. 7 ئۇلار ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. 8 ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي 62 ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كىشىلەر ئىدى. 9 مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمئىي 18 ئادەم بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. 10 مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئوغلى شىمرى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى. 11 قالغان ئوغۇللىرى خىلقىيا، تىباليا ۋە زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن 13 ئادەم ئىدى. 12 دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى. 13 جەمەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. 14 شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى. 15 ئوبېد-ئىدومغا چەك تاشلانغاندا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي دەرۋازا چىقتى، ئوغۇللىرىغا ئامبارغا قاراش چېكى چىقتى. 16 شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر دەرۋازىلاردا كۆزەتچىلىك قىلاتتى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇراتتى. 17 ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى. 18 غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. 19 يۇقىرىدىكىلەر كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن كۆزەتچىلىك ۋەزىپىلىرىدۇر. ئىبادەتخانىدىكى باشقا خىزمەتلەر 20 ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. 21 گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاداننىڭ جەمەتىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى، 22 يىخىئېلىنىڭ ئوغلى زېتام ۋە ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى. 23 ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىپ بېرىلدى: 24 مۇسانىڭ ئوغلى گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان شىبۇئېل ئىبادەتخانىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولدى. 25 تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت ئىدى. 26 شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ساقلاناتتى. 27 ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەدىيە قىلاتتى. 28 شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى يەنە غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىمۇ باشقۇراتتى. 29 يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى. 30 ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خاشابيا ۋە ئۇنىڭ 1700 نەپەر تۇغقىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى، ئۇلار قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. 31 نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىشىچە، ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يىرىيا ھىبرون جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. پادىشاھ داۋۇتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 40-يىلىدا نەسەبنامىلارغا دائىر بارلىق يازمىلار كۆرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ يازمىلاردا گىلئادتىكى يازېر شەھىرىدە ياشايدىغان ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى. 32 پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن 2700 نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti