Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبادەتخانا نەغمىچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى

1 پادىشاھ داۋۇت باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ۋەھىي يەتكۈزۈشكە تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.

2 ئاسافنىڭ زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانيا ۋە ئاسارئېلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ۋەھىي يەتكۈزەتتى.

3 يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزەتتى.

4-5 پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى ھېماننىڭ بۇققىيا، ماتتانيا، ئۇززىئېل، شىبۇئېل، يىرىموت، خانانيا، خانانى، ئەلىياتا، گىددالتى، رومامتى-ئەزەر، يوشبىقاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ھېمانغا شاپائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا 14 ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت بەرگەنىدى.

6 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش خىزمىتىنى قىلاتتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدا ئىدى.

7 ئۇلار ۋە قېرىنداشلىرى يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە كەسپىي نەغمىچىلەر بولۇپ، جەمئىي 288 كىشى ئىدى.

8 بۇلار ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى.

9 بىرىنچى چەك ئاساف جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئىككىنچى چەك گىداليا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

10 ئۈچىنچى چەك زاككۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

11 تۆتىنچى چەك يىزرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

12 بەشىنچى چەك نىتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

13 ئالتىنچى چەك بۇققىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

14 يەتتىنچى چەك يىسارئېلا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

15 سەككىزىنچى چەك يىشايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

16 توققۇزىنچى چەك ماتتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

17 ئونىنچى چەك شىمئى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

18 ئون بىرىنچى چەك ئازارئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

19 ئون ئىككىنچى چەك خاشابيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

20 ئون ئۈچىنچى چەك شۇبائېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

21 ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

22 ئون بەشىنچى چەك يىرېموت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

23 ئون ئالتىنچى چەك خانانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

24 ئون يەتتىنچى چەك يوشبىقاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

25 ئون سەككىزىنچى چەك خانانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

26 ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

27 يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

28 يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

29 يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

30 يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

31 يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئەزەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan