بىرىنچى قىسىم 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى 1 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈندى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. 2 لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى. 3 پادىشاھ داۋۇت ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى زادوق ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادى ئاخىمەلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە توپقا بۆلدى. 4 ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرى 16 توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز توپقا بۆلۈندى. 5 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، چەك تاشلاش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئادىل بۆلۈپ بېرىلدى. 6 لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، تاشلانغان چەكلەرنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تاشلاشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تاشلىدى. 7 بىرىنچى چەك يىھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يىداياغا، 8 ئۈچىنچى چەك خارىمغا، تۆتىنچى چەك سىئورىمغا، 9 بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، 10 يەتتىنچى چەك خاققوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، 11 توققۇزىنچى چەك يېشۇۋاغا، ئونىنچى چەك شىكانياغا، 12 ئون بىرىنچى چەك ئەلياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياقىمغا، 13 ئون ئۈچىنچى چەك خۇپپاھقا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبئابقا، 14 ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا، 15 ئون يەتتىنچى چەك خېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىززېزغا، 16 ئون توققۇزىنچى چەك پىتاخياغا، يىگىرمىنچى چەك يىھەزكەلگە، 17 يىگىرمە بىرىنچى چەك ياكىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، 18 يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دىلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازياغا چىقتى. 19 بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھارۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ھارۇنغا چۈشۈرگەنىدى. 20 لاۋىيلاردىن بولغان باشقا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبائېل، شۇبائېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەخدىيا، 21 رىخابيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن يولباشچى يىششىيا، 22 يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شىلوموت، شىلوموتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياخات، 23 ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يىرىيا ۋە ئۇنىڭ ئاماريا، ياخازىئېل، يىقامئام قاتارلىق ئىنىلىرى، 24 ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكاھ، مىكاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شامىر 25 ۋە مىكاھنىڭ ئىنىسى يىششىيا، يىششىيا ئەۋلادىدىن زىكىرىيا، 26 مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماخلى ۋە مۇشى، يائازىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىنو، 27 مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى يائازىيا ئەۋلادلىرىغا تەۋە بىنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى، 28 ماخلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغۇللىرى يوق ئىدى. 29 كىشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يىراخمىئېل، 30 مۇشى ئەۋلادلىرىدىن ماخلى، ئەدەر ۋە يىرىموت. مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 31 بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا پادىشاھ داۋۇت، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti