بىرىنچى قىسىم 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇڭا داۋۇت: _ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى. داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى 2 داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىلىدىغان تاشلارنى يونۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى. 3 داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ ۋە مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى. 4 ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كېدىر ياغىچى تەييارلىدى. بۇ كېدىر ياغاچلىرىنى سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلار توشۇپ ئەكەلگەنىدى. 5 داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بولسۇن. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قوياي» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى. 6 كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى. 7 ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم. 8 لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭ ۋە كۆز ئالدىمدا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ. شۇڭا مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ. 9 لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغداپ، تىنچ-ئامان ياشىتىمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. 10 ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى. 11 ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشىڭغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە سېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن. 12 سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن. 13 ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما. 14 قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن 3500 توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكىن. 15 ئىسرائىلىيەدە نۇرغۇن ئىشچىلار، يەنى تاشچى، تامچى، ياغاچچى ۋە باشقا ماھىر ئۇستىلارمۇ بار. 16 يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلەرمۇ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. 17 داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى ۋە يەنە مۇنداق دېدى: 18 _ پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. ئۇ سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ. 19 ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti