بىرىنچى قىسىم 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنى رويخەتكە ئېلىشى 1 شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى. 2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ داندىن بەئەرشەباغىچە جايلاشقان ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ، مەلۇمات قىلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى. 3 يوئاب پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلماقچى بولىدىلا؟ _ دېدى. 4 لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 5 يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بەردى. پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىدى. 6 بىراق يوئاب لاۋىي بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىنى بۇ سانغا كىرگۈزمىگەنىدى، چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقىغا نارازى ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنى جازالىشى 7 ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى. 8 داۋۇت خۇداغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن، قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن، _ دېدى. 9 پەرۋەردىگار داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا: 10 _ سەن بېرىپ داۋۇتقا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ ئېيتقىن: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن»، _ دېدى. 11 شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا. 12 ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرسۈنمۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟ 13 داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. 14 شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا چۈشۈردى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. 15 خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى. 16 داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى. 17 داۋۇت خۇداغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغان مەن، گۇناھ قىلغانمۇ مەن، رەزىللىك قىلغانمۇ مەن، قويدەك بۇ خەلقتە نېمە گۇناھ؟ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن، ئۆز خەلقىڭگە ۋابا چۈشۈرمىگەيسەن! _ دېدى. داۋۇتنىڭ توۋا قىلىپ قۇربانلىق سۇنۇشى 18 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: _ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى. 19 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇ يەرگە باردى. 20 ئاراۋنا تۆت ئوغلى بىلەن خاماندا بۇغداي ئايرىۋاتتاتتى، ئۇ بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى. 21 ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. 22 داۋۇت ئاراۋناغا: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن خامىنىڭنى ماڭا ئۆز باھاسىدا سېتىپ بەرسەڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى. 23 _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمە قىلىشنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بۇقىلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشكە رازى، _ دېدى ئاراۋنا. 24 لېكىن پادىشاھ داۋۇت: _ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭ نەرسىلىرىڭنى بىكارغا ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى. 25 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئاراۋنانىڭ خامىنىنى 600 ئالتۇن تەڭگە سېتىۋالدى. 26 داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى. 27 شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى. 28 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا ئۆزىنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، يەنە قۇربانلىق قىلدى. 29 بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى. 30 لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti