بىرىنچى قىسىم 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيوئابنىڭ رابباھ شەھىرىنى ئېلىشى 1 ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان ۋاقىت بولغاندا، يوئاب ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى باشلاپ، ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا قالغانىدى. يوئاب رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 2 رابباھقا كەلگەن داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئېلىپ، بېشىغا كىيدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلو بولۇپ، ياقۇت بىلەن بېزەلگەنىدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. 3 ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. فىلىستىيەلىك پالۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى 4 شۇنىڭدىن كېيىن گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى. 5 فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. 6 كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. 7 بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 8 بۇ فىلىستىيەلىك پالۋانلار گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti