بىرىنچى قىسىم 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ھاقارەتلىنىشى 1 ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى. 2 داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، 3 ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى. 4 شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىنى يانپاشلىرىغىچە كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 5 پادىشاھ داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. داۋۇت ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى. 6 پادىشاھ خانۇن ۋە خەلقى ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھتىكى خەلقلەردىن جەڭ ھارۋىلارنى لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياللاپ ئالدى. 7 ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنى ياللىدى. مائاكانىڭ پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى. 8 داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يوللىدى. 9 ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، ياردەمگە كەلگەن باشقا پادىشاھلار دالادا ئايرىم بىر سەپ تۇردى. داۋۇتنىڭ ئارراملار ۋە ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى 10 يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئارراملارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. 11 قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. 12 يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. 13 جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى. 14 يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى. 15 ئارراملارنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. 16 ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن ئارراملار فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارراملارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە كەلدى. 17 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئارراملارغا يېقىن يەرگە كېلىپ، قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئارراملار داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 18 ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە مىڭنى ۋە پىيادە لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى ئۆلتۈردى. 19 ھادادئەزەرگە ئەگەشكەن پادىشاھلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋۇت بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەل بولۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملار ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتىدىغان بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti