بىرىنچى قىسىم 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ يات ئەللەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى 1 مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە ئۇ گات شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. 2 ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. 3 زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. 4 داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، شۇنداقلا يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى. 5 دەمەشقتىكى ئارراملار زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت ئارراملاردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 6 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. 7 داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتتى. 8 پادىشاھ داۋۇت يەنە ھادادئەزەرنىڭ تىبخات ۋە كۇن دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلايمان بۇ تۇچلاردىن ئىبادەتخانا ھويلىسىدىكى «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، تۈۋرۈكلەر ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ياساتتى. 9 خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 10 ئوغلى ھادورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى. 11 پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى. 12 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 13 داۋۇت يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى 14 داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى. 15 مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، 16 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، 17 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti