Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەھدە ساندۇقىنىڭ چېدىرغا قويۇلۇشى

1 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.

2 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى.

3 ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى.

4 داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەت قىلىشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا رەھمەت ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى.

5 ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. باشقىلار: يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالىدىغان بولدى.

6 روھانىي بىنايا بىلەن ياخازىئېل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى.


داۋۇتنىڭ مەدھىيە كۈيى

7 شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇدى:

8 پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

9 خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

10 ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

11 تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

12 ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى.

13 ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

14 ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

15 ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

16 پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

17 ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

18 «كەنئان زېمىنى سېنىڭ ئۈلۈشۈڭدۇر، ئۇ ساڭا تەئەللۇق مۈلۈكدۇر.»

19 ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

20 ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

21 خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

22 «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

23 ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

24 تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.

25 ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.

26 پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما پەرۋەردىگار ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.

27 ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.

28 تەرىپلەڭلار ئەي ئەللەر پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى.

29-30 پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.

31 شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»

32 تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، يايرىسۇن دالالار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار.

33 ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار، چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا.

34 شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.

35 يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئى نىجاتكارىمىز بولغان خۇدا، قۇتقۇزغىن بىزنى، يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.»

36 مەدھىيەلەنگەي ئەبەدىلئەبەد، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.

37 داۋۇت ئاساف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈنى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى.

38 ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى.

39 داۋۇت يەنە روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى.

40 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى.

41 ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن يەنە ھېمان، يىدۇتۇن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئالاھىدە تاللانغانلار بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى. چۈنكى «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر».

42 ھېمان ۋە يىدۇتۇن سازەندىلىككە، يەنى كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.

43 شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەش ئۈچۈن قايتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan