بىرىنچى قىسىم 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەھدە ساندۇقىنىڭ يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنىشى 1 داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە سارايلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ، چېدىر تىكتۈردى. 2 ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر. 3 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 4 ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەردۇر: 5 قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى، 6 مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى، 7 گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى، 8 ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى، 9 ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى، 10 ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى. 11 داۋۇت روھانىي زادوق، روھانىي ئەبىياتار ۋە لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل ۋە ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ، 12 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىڭلار ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار. 13 ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپ قىلدى. 14 شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى. 15 لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى. 16 داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇرام بولۇشىنى تاپىلىدى. 17 لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېمان، بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاساف ۋە مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتان. 18 ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل. 19 نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى. 20 زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا ۋە بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. 21 ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق لىرا چېلىشقا تەيىنلەندى. 22 لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى. 23 بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى. 24 شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك باقارى بولدى. 25 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشىلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى. 26 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. 27 شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، شۇنداقلا ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا ئېسىل زىغىر يىپتىن تىكىلگەن تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. 28 شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى. 29 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti