Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدىكى پائالىيەتلىرى

1 تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى.

2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.

3 داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە ئايال ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى.

4 يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،

5 يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلپەلەت،

6 نوگاھ، نەفەگ، يافىيا،

7 ئەلىشاما، بىئەليادا ۋە ئەلىفەلەت.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى يېڭىشى

8 داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

9 فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.

10 داۋۇت خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

11 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى»] دەپ نام بېرىلدى.

12 فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى.

13 كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.

14 داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل.

15 سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.

16 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى

17 داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە ئەللەرگە تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan