بىرىنچى قىسىم 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتقا قوشۇلغان باتۇرلار 1 داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى، يەنى پادىشاھ سائۇلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاققا بېرىۋالغاندا، جەڭ قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 2 ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئوڭ ۋە سول قوللىرى بىلەن ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردۇر: 3 ئاخىئەزەر ۋە يوئاش ئۇلارنىڭ بېشى بولۇپ، بۇلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يىزىئېل ۋە پەلەت، ئاناتوتلۇق يېھۇ، بىراكا، 4 گىبئونلۇق يىشمايا. يىشمايا «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد، 5 ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا، 6 كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر، ياشوبئام، 7 گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يوئېلا ۋە زىباديا. 8 گاد قەبىلىسىدىكى ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قاقاسلىقتىكى غارغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇلار شىر قىياپەتلىك بولۇپ، تاغدىكى جەرەندەك تېز يۈگۈرەتتى. 9 ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئەلىئاب، 10 تۆتىنچىسى مىشماننا، بەشىنچىسى يەرەمىيا، 11 ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىئېل، 12 سەككىزىنچىسى يوخانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد، 13 ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى. 14 بۇ سەركەردىلەر گاد قەبىلىسىدىن بولۇپ، تۆۋەنلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ يۇقىرىلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى. 15 ئەتىياز كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەل مۇشۇ سەركەردىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەن ئىدى. 16 بىنيامىن ۋە يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردىكى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 17 داۋۇت غاردىن سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. داۋۇت: _ ئەگەر سىلەر ياخشى نىيىتىڭلار بىلەن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرنى جازالىسۇن، _ دېدى. 18 شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى بولغان ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغۇچىلارغا تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! ھەقىقەتەن خۇدا ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. 19 داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىدىن بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى: «ئەگەر داۋۇت ئۆز خوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، بېشىمىز تېنىمىزدىن جۇدا بولۇشى مۇمكىن!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتكەنىدى.) 20 داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا قوشۇلغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەر: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى. 21 ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر بولۇپ، كېيىن ئۇلار داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى ۋە داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. 22 داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. 23 پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدى. داۋۇت ھىبروندىكى ۋاقتىدا نۇرغۇن قوراللىق لەشكەرلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 24 يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 8006 جەڭچى. 25 شىمون قەبىلىسىدىن 1007 باتۇر جەڭچى. 26 لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى، 27 ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى. 28 شۇنداقلا ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردە. 29 بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى. 30 ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە نامى بار باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. 31 ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى، ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى. 32 ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. 33 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى، ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى. 34 نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى. 35 دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى. 36 ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى. 37 ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى. 38 بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. بۇلار داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىشتا بىر نىيەتتە ئىدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى. 39 ئۇلار ھىبروندا قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى. 40 ئۇلارغا ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا زور مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك، يەنى ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى ئارتىپ ۋە كالا، قويلارنى ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti