Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1 شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز.

2 بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگار خۇدامۇ سىلىگە: «خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، سەنمۇ مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باش بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.

3 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دېيىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


پادىشاھ داۋۇت يېرۇسالېمنى ئېلىشى

4 پادىشاھ داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە يىبۇس خەلقى ياشايتتى.

5 يىبۇسلار داۋۇتقا: _ سەن بۇ شەھەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى. (كېيىن داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)

6 داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرسە، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى. مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارنى ئۆلتۈرۈپ، لەشكەر بېشى بولدى.

7 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى.

8 داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

9 داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.


داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

10 تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.

11 داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

12 «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى.

13 فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئىسرائىل لەشكەرلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەلئازار بىلەن داۋۇت ئارپىلىقتا بولۇپ،

14 ئۇلار ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.

15-16 بىر قېتىم داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى «ئوتتۇز باتۇر» دەپ نام ئالغان باتۇرلاردىن ئۈچى داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارنىڭ ئەتراپىدىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا داۋۇت تاغدىكى ئاشۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە فىلىستىيە لەشكەرلىرىنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافاھلار جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ. فىلىستىيەنىڭ يەنە بىر قىسىم لەشكەرلىرى بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

17 داۋۇت: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ تەشنالىق بىلەن.

18 ھېلىقى ئۈچ باتۇر فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكىدۇ. ئۇ:

19 _ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان باتۇرنىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدۇ. يۇقىرىدىكى ئىش بۇ ئۈچ باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقى ئىدى.

20 يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

21 ئۇ «ئوتتۇز باتۇر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

22 يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ باتۇر لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ.

23 ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

24 بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ.

25 ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باتۇر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

26 تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باتۇرلىرىدىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، بەيتلەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلخانان،

27 ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق خەلەز،

28 تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،

29 خۇشاھلىق سىببىكاي، ئاخوۋاخلىق ئىلاي،

30 نىتوفالىق ماھراي، بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد،

31 بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي، پىرئاتونلۇق بىنايا،

32 گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي، ئارابالىق ئابىئېل،

33 باخۇرىملىق ئازماۋەت، شائالبىملىق ئەلياخبا،

34 گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگېنىڭ ئوغلى يوناتان،

35 ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاخىئام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال،

36 مىكېرالىق خېفەر، پىلونلۇق ئاخىيا،

37 كارمەللىك خەزرو، ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي،

38 ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار،

39 ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

40 يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب،

41 خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا، ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،

42 شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى،

43 مائاكانىڭ ئوغلى خانان، مىتانلىق يوشافات،

44 ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا، ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل،

45 شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا،

46 ماخاۋىلىق ئەلىئېل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا، موئابلىق يىتماھ،

47 ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan