Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ ۋاپات بولۇشى

1 فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.

2 فىلىستىيەلىكلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى.

3 سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى ئاتقان ئوقتا يارىلاندى.

4 سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچقا ئۇردى.

5 قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچقا ئۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

6 شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە پۈتۈن نەسلى بىراقلا ھالاك بولدى.

7 يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


سائۇل ۋە ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنىڭ دەپنە قىلىنىشى

8 ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ،

9 سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن كاللىسىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.

10 ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، كاللىسىنى داگون ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا مىخلاپ قويدى.

11 گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلاپ،

12 ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يابېشقا ئاپىرىپ، ئاندىن سۆڭەكلىرىنى يابېشتىكى چوڭ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.

13-14 سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan