Biblia Todo Logo
Online Bible

- Advertisements -



فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت INTRO1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا فىلىپى شەھىرىدىكى (بۈگۈنكى گرېتسىيىدە) ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان. پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرىدە فىلىپى شەھىرىگە بېرىپ، خۇش خەۋەر تارقىتىش بىلەن بۇ يەردە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى سالغان («ئەلچىلەر» 16-باب 12 - 40-ئايەتلەر).
فىلىپىلىكلەر پاۋلۇسنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوۋغا-سالاملار ئەۋەتكەن. پاۋلۇس بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇشبۇ خەتنى يازغان. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىش بىلەن ئۇلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەزگىللىرىدىمۇ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشقا، ھەرقانداق شارائىتتا خۇشال-خۇرام ياشاشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئىتتىپاق ۋە كەمتەر بولۇشقا، ساختا ئەلچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە ئۈندىگەن. بۇ خەتتە پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەرگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
تۈرمىدە تۇرۇپ يازغان بۇ خېتىدە پاۋلۇس خۇشال-خۇرام بولۇشنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقىدىن، بۇ خەت «خۇشال-خۇراملىق خېتى» دەپ تونۇلغان.
تېزىس:
1. دۇئايىسالام (1-باب 1 - 11-ئايەتلەر)
2. پاۋلۇسنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى (1-باب 12 - 26-ئايەتلەر)
3. ئەيسا مەسىھكە باغلانغان ھايات (1-باب 27-ئايەتتىن 2-باب 18-ئايەتكىچە)
4. تىموتىي ۋە ئېپافرودىت توغرىسىدىكى پىلان (2-باب 19 - 30-ئايەتلەر)
5. نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (3-باب 1-ئايەتتىن 4-باب 9-ئايەتكىچە)
6. تەشەككۈر ۋە ئاخىرقى سالام (4-باب 10 - 23-ئايەتلەر)

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Follow us:



Advertisements