Biblia Todo Logo
Online Bible

- Advertisements -



فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەند-نەسىھەتلەر

1 ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار.

2 ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار.

3 ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.

4 رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!

5 خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى.

6 ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.

7 شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.

8 قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.

9 مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.


پاۋلۇسنىڭ تەشەككۈرى

10 ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى ئىپادىلىشىڭلارغا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى.

11 بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.

12 مەن مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولسۇن، مەيلى توقچىلىق ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەيلى مولچىلىق ياكى غۇربەتچىلىك بولسۇن، ھەرقاچان، ھەرقانداق ئەھۋالدا قانائەت قىلىشنى بىلىۋالدىم.

13 مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.

14 شۇنداقتىمۇ، سىلەر قىيىنچىلىقلىرىمغا ياردەم بېرىپ ياخشى قىلدىڭلار.

15 ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى.

16 سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار.

17 مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.

18 مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.

19 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ.

20 بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئاخىرقى سالام

21 ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلققە سالام. مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام.

22 بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام.

23 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Follow us:



Advertisements