فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئەيسا مەسىھنى تونۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر 1 ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 2 قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»~دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق! 3 خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز. 4 ئەگەر ئۆز ئەجرىمگە تايىنىشقا توغرا كەلسىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىرىم يېتەرلىك بولاتتى. ئەگەر بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا تايىنىپ قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاساسىم تېخىمۇ يېتەرلىك بولاتتى. 5 چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن. 6 بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلماقچى دەپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەم بولاتتىم. 7 لېكىن، مەن بۇرۇن قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن مۇھىم بىلگەن بۇ ئىشلارنى ھازىر پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز دەپ قارىدىم. 8-9 مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى. 10 مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش 11 ۋە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈمدىن خۇدا ۋەدە بەرگەن تىرىلىشكە يېتىشتۇر. نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش 12 بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن. 13 قېرىنداشلار، مەن ھەرگىز ئۆزۈمنى بۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدۇم، دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن شۇنداق قىلىمەنكى، خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەينىگە قارىماي يۈگۈرۈۋاتقان ئادەمدەك، مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى نىشانغا قاراپ تىرىشىمەن. 14 يەنى، خۇدا ئەيسا مەسھ ئارقىلىق مېنى چاقىرىپ، ئەرشتە مەن ئۈچۈن تەييارلىغان ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن. 15 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى روھىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر باشقىچە ئوي-پىكرىڭلار بولسا، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 16 قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. 17 قېرىنداشلار، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار، شۇنداقلا سىلەر بىزنى ئۈلگە قىلغان كىشىلەردىنمۇ ئۆگىنىڭلار. 18 چۈنكى، سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدەك يۈرمەكتە. 19 بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ. 20 ھالبۇكى، بىزنىڭ ھەقىقىي ماكانىمىز ئەرشتە. بىز ئەرشتىكى قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 21 شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti