16 ئۇلار تېرە پۈتۈككە يېزىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە قاراشتى ۋە بارۇكقا: _ بىز بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، _ دېدى.