ئەزەكىئەل 48:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: _ تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ناملىرى ۋە ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن يەرلەردۇر: دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنىڭ ئەڭ شىمالىدا بولسۇن. ئۇنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ غەرب تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزدىن باشلىنىپ، خەتلوندىن ئۆتىدىغان يولنى بويلاپ، لىبو-خامات ئارقىلىق خازار-ئېنان شەھىرىگە تۇتاشسۇن. خازار-ئېنان دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. دان قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ. Viz kapitola |