ئىككىنچى قىسىم 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى. ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى 2 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. 3 شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. 4-5 ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار بىلەن روھانىيلار بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. 6 پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 7 ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى. 8 كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 9 ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا، يەنى ئاساسىي خانىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئەھدە ساندۇقى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. 10 ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. 11 روھانىيلار ئىبادەتخانىدىن قايتىپ چىقىشتى. ئۇلار مەيلى قايسى توپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى. 12 ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن، ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى، يەنى نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى. 13 نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى. 14 ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغاچقا، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا قايتا كىرەلمەي، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti