Online Bible

- Reklamy -

ئىككىنچى قىسىم 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىبادەتخانىنىڭ بۇيۇملىرى

1 سۇلايمان يەنە قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر بولۇپ، تۇچ بىلەن قاپلانغانىدى.

2 ئۇ يەنە كەڭلىكى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدۇردى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى.

3 تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر مېتىر ئارىلىقتا يىگىرمە دانە بۇقىنىڭ شەكلى بار ئىدى، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىرگە قۇيۇلۇپ چىقىلغانىدى.

4 داڭقان 12 دانە تۇچ بۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچ تەرەپكە قارايتتى.

5 داڭقاننىڭ قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم نېلۇپەر گۈلىنىڭ بەرگىگە ئوخشايتتى. داڭقانغا 66 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى.

6 سۇلايمان يەنە ئون دانە داس ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدۇردى. ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. تۇچ داڭقاندا روھانىيلار پۇت-قولىنى يۇياتتى.

7 سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى.

8 ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى.

9 سۇلايمان روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى.

10 داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى.

11 ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى پۈتتۈردى.

12 ئۇ ياسىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى، كومزەك شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك،

13 تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.)

14 ھارۋىلار، ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدىكى تۇچ داسلار،

15 داڭقان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا،

16 كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە ئارىلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى.

17 بۇ نەرسىلەرنى پادىشاھ ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، يەنى سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇردى.

18 سۇلايمان ياساتقان بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.

19 سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان شىرەلەر،

20 ئالتۇن چىراغدانلار ۋە چىراغلار، (قائىدە بويىچە بۇ چىراغلار ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرىدۇ.)

21 ئالتۇن چىراغدانلارنىڭ گۈل شەكىللىك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلار، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار،

22 ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئالتۇن ئىشىكلىرى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Následuj nás:



Reklamy