ئىككىنچى قىسىم 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيىھوشافاتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى 1 پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى. 2 يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىمنىڭ شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى. 3 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولدى، چۈنكى ئۇ بائالغا چوقۇنماي، ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىدا ماڭدى. 4 ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى. 5 شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى. 6 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى. 7 يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى. 8 لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يىھوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يىھورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. 9 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە خەلققە تەلىم بېرىشتى. 10 يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. 11 بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى ئەكەلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكە سوۋغا قىلدى. 12 يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلەرنى قۇردى. 13 يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى. يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. 14 بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 15 ئىككىنچى تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. 16 ئۈچىنچى تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى. 17 بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 18 يەنە بىر تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. 19 يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيەنىڭ باشقا مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىمۇ لەشكەرلەرنى تۇرغۇزغانىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti